博客
-
قىلالايمەن دەپ تۇرۇڭ، ئادەم ئېغىزدىن سائەت چىقىدۇ

تارقىلىپ يۈرگەن بىر ھېكايە: سىگان پۇشتىدىن بولغان سولارىئو ئىسىملىك بىرەيلەن، ئەسلىدە كوچىمۇ كوچا يۈرۈپ ياماقچىلىق قىلىدىكەن، ئەمما ئۇ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا، رەسسام بولۇشنى ئىستەيدىكەن. شۇڭا ئۇ ھەر كۈنى ئورنىدىن تۇرۇپلا يۇقىرى ئاۋازدا ئۆز-ئۆزىگە:«مەن چوقۇم ئانتونىئوغا ئوخشاش ئۇلۇغ رەسسام بولالايمەن!» دەپ مەدەت بېرىدىكەن. (ئىزاھ: ئانتونىئو ئىتالىيەلىك ۋېنىتسىيە ئېقىمىدىكى رەسسام). ئۇ بۇ گەپنى دەپ بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن ۋۇجۇدى كۈچكە تولغاندەك بولىدىكەن .ئۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئۆز خىزمىتىنى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە، ۋاقىتتىن ۋاقىت چىقىرىپ رەسىم سىزىشنى مەشىق قىپتۇ. دەرۋەقە 10 يىلدىن كېيىن، ئۇ ھەقىقەتەن بىر كۆزگە كۆرۈنگەن رەسسام بولۇپ قاپتۇ.تىل ھەقىقەتەن غايەت زور ئېنېرگىيەگە تولغان. ئۇنىڭ ماھىيىتى تەپەككۇر، يەنى سىز ئېغىزىڭىزدىن چىققان گەپكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، شۇ گەپنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش يولىغا ئاتلىنىسىز.
بىلوگ ئىگىسى ليۇ شياۋبو:«ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تۈپ ئۇسۇلى ئۆزىنىڭ تىل سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىش» دەيدۇ. تىل سىستېمىسىنى ئۆزگەرتكەندە، تەپەككۇر ئۇسۇلىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ، يېڭىچە تەپەككۇر بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، بەلكىم پەقەت بىر قارار ئۆزگىرىشى مۇمكىن، لېكىن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، پۈتكۈل ھاياتتا ئۆزگىرىش بولىدۇ.
01
«ئادەت سۆزلىرى» ئېنېرگىيەنى بەلگىلەيدۇ
ۋېيبودىكى «سىزنىڭ ئادەت سۆزىڭىز سىزگە ساتقىنلىق قىلىۋاتىدۇ» دېگەن بىر تېمىنىڭ ئاستىغا، نۇرغۇن كىشى ئوخشاش ھېسسىياتتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىنكاس قالدۇرغان.
بىلوگ ئىگىسى «بىر مۈشۈك» (一只喵) نىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئادەت سۆزى سەۋەبلىك زىيانغا ئۇچرىغان. ھەر قېتىم ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاندا، ئۇ دائىم ئادەتلىنىپ قالغىنى بويىچە «لېكىن» نى قوشۇۋالىدىكەن، شۇڭا باشلىقىنىڭ «باھانە ئىزدەشكە ئاران تۇرىدىكەنسىز» دەپ كۆپ قېتىم تەنقىدلىشىگە ئۇچرىغانىكەن. ئۇ يەنە «مەيلى» دېگەن سۆزنىمۇ كۆپ ئىشلىتىدىكەن، شۇڭا ئەتراپىدىكىلەر:«سەن بىر ئىشقا پەقەت كۆڭۈلشىمەيسەن» دەپ قاقشايدىكەن. ئۇ يەنە «كېيىن بىر گەپ بولسۇن» دېيىشكە ئامراقكەن، شۇڭا ئەزەلدىن تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىدا بولمايدىكەن. نەتىجىدە ئۇنىڭ «قالغان ئىشىغا قار يېغىپ»، بارغانسېرى كەينىگە دەسسەپتۇ.
ھەر بىر ئادەمنىڭ ئادەت خاراكتېرلىك تولا دەپ سالىدىغان سۆزلىرى بولىدۇ، ئەمما ئىختىيارسىز ئېغىزدىن چىقىپ كەتكەن ئاشۇ سۆزلەر ئادەمنىڭ روھىي دۇنياسىغا بۇيرۇق بېرىپ، ئۇنىڭ تەقدىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ھىندىستاننىڭ «ئۈچ ئەخمەق» ناملىق ھېكايە فىلىمىدە، ئامىرخان رولىنى ئالغان رانچونىڭ ئېغىزىدىن دائىم «ئالئىزۋېل» (all is well) دېگەن گەپ چۈشمەيدۇ. بۇ «ھەممە ئىشلار ياخشى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۇ ھەر قانداق خەتەرلىك پەيتتىمۇ ھەمىشە «ھەممە ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ» دەپ ئۆز-ئۆزىگە مەدەت بېرىدۇ، ھەر قانداق ۋاقىتتا مەسىلە ئىچىگە قاپسىلىپ قالماي، ھەل قىلىش چارىسى تېپىپ چىقىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭغا چىش-تىرنىقىىغچە ئۆچ بولۇپ كەتكەن مەكتەپ مۇدىرىمۇ ئۇنىڭغا قايىل بولىدۇ. ئاخىرىدا ئۇ 400 دىن ئارتۇق پاتېنتنىڭ ئىگىسىگە ئايلىنىدۇ.
فارخاننىڭ ئېنژېنىر ئەمەس، بەلكى فوتوگراف بولغۇسى بار، ئەمما ئۇ دادىسىنىڭ ئەيىبلىشىدىن قورقۇپ، تاكى دادىسىغا دادىللىق ئۆز ئارزۇسىنى ئېيتقانغا قەدەر بىسەرەمجانلىق ئىچىدە ياشايدۇ. دادىسىغا كۆڭلىدىكىنى ئېيتقاندىن كۈندىن باشلاپ، ئۇنىڭ تەقدىرىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ.
راجۇ «ئەگەر بۇنداق بولمىسا، تۈگەشكىنىم شۇ» دەپ، قاچان قارىسا ئىشلارنىڭ يامان تەرىپىنىلا ئويلىغاچقا، تەشۋىش ئىچىدىلا يۈرىدۇ، نامراتلىقتىن، ئىمتىھاندىن، خىزمەت تاپالماسلىقتىن قورقۇپ، تېخى ئۆلۈۋالماقچىمۇ بولىدۇ، بەختكە يارىشا ئامان قالغاندىن كېيىن، ئۇ «تۈگەشكىنىم شۇ» دېگەن ئادەت سۆزىنى «كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تىرىشىمەن» گە ئۆزگەرتىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ تەقدىرىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ.
ئايال شائىر مايا ئانگېلونىڭ:«سۆز خۇددى ئۇششاق-ئۇششاق ئېنېرگىيە ئوقلىرىغا ئوخشايدۇ، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان ھاياتلىق ساھەسىگە ئېتىلىپ كىرىدۇ» دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆزى بار.
شۇنداق، تىلنىڭ ئېنېرگىيەسى بار، ئۇ بىز تۇرۇۋاتقان مۇھىتقا، بىزنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىمىزگە سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، كۈچلۈك ئىجادىي كۈچ ۋە ۋەيران قىلىش كۈچىگە ئىگە.
قاچانلا قارىسا قاقشاپ، ئاغىرىنىپ يۈرىدىغان ئادەمنىڭ تۇرمۇشى قالايمىقان، كۆڭۈلسىز بولىدۇ، دائىم ئاكتىپ سۆزلەرنى قىلىشنى ئادەت قىلغىنىمىزدا، ئۆزىمىزنىڭ روھىي كۆتۈرۈلۈپ، ئىشلارغا تەبىئىيلا ئۈمىدۋار قارايدىغان بولىمىز، ھاياتىمىزمۇ نۇرغا چۆمىدۇ.
02
ئادەمنىڭ ئاغزىدىن سائەت چىقىدۇ
جەمئىيەتشۇناس روبېرت مېرتون «ھۆكۈمنى دەلىللەش» (自证预言) ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئادەم ئاڭسىز ھالدا ئېغىزىدىن چىققان سۆزى بويىچە ئىش قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا شۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدىكەن.
بىزنىڭ مەلۇم بىر سۆزلەرنى تەكرار-تەكرار دېيىشىمىز، يوشۇرۇن ئېڭىمىزدا بىر خىل بېشارەت ۋە ھۆكۈم ھاسىل قىلىپ، ئېڭىمىزنىڭ ھەرىكىتىمىزگە يېتەكچىلىك قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ.
يازغۇچى كوئىكى خىروشى (小池浩) يەتتە يىل ئاددىي-ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئىقتىسادچانلىق بىلەن يىغقان پۇلىغا بىر كىيىم-كېچەك دۇكىنى ئاچقان، ئەمما تىجارىتى تازا يۈرۈشمەي، 20 مىليون ياپونىيە يېنى قەرزگە بوغۇلۇپ قالغان. ئۇنىڭ كۆڭلى تولىمۇ غەش بولغاچقا توختىماستىن:«كىيىملەر بېسىلىپ قالدى»، «ساتقىلى بولمىدى»، «قەرز بولۇپ قالسام قانداق قايتۇرارمەن» دەپ، ئەندىشدىلا يۈرگەن. ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىققان بۇ گەپلەر خۇددى قارغىشقا ئوخشاش، ئۇنىڭ ئىرادىسىنى بوشاشتۇرۇپ، سودىسىنى كۈندىن-كۈنگە كاساتلاشتۇرغان. كېيىن ئۇ پىسخىكا ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ ئادەت سۆزلىرىنىڭ سەلبىي تەسىرىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاكتىپ پىكىرلىك سۆزلەرنى قىلىشقا ئۆزگەرگەن. توققۇز يىلدىن كېيىن، پۈتۈن قەرزلەرنى قايتۇرۇپ تۈگىتىپ، پىسخىك مەسلىھەتچىسى بولغان، يەنە تېخى كىتابمۇ يازغان. مۇشۇ جەرياندا، ئۇ توي قىلىپ ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ، ئىنتايىن بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرگەن.
ئۇ كونكرېت قانداق قىلغانلىقىنى بىلگىڭىز بارمۇ؟
ئۇ ئالدى بىلەن ئادەت سۆزىنى ئۆزگەرتىپ، 10 يىلدا قەرزنى قايتۇرۇپ بولۇش نىشانىنى بېكىتكەن. ھەر كۈنى دۇكاننى ئاچقاندىن تاقىغىچە بولغان ئارىلىقتا، كىرىپ-چىقىۋاتقان خېرىدارلار مەيلى سودىسىنى قىلسۇن-قىلمىسۇن، توختىماي «رەھمەت» ئېيتقان، ئۇنىڭ سەمىمىي، قىزغىن مۇئامىلىسى تېخىمۇ كۆپ خېرىدارنى جەلپ قىلغان؛ ئۇ كىيىملەرنى قاتتىق تاللاپ، بازىرى ئىتتىك ئۆلچەم ۋە رەڭلەرنى دۇكىنىغا سالغاندىن كېيىن، كىيىملىرى بارا-بارا بېسىلىپ قالمايدىغان بولغان؛ ئۇ يەنە «مېنىڭ ئىقتىدارىم بار»، «مەن ئائىلەمدىكىلەرنى بەختلىك قىلىمەن» دەپ توختىماي تەكرارلاپ، تۇرمۇشقا تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن قارىغان؛ تېخى يەنە پىسخولوگىيە ئۆگىنىپ، داڭلىق پىسخىكا مەسلىھەتچىسى بولۇپ، كىرىمىنى نەچچە ھەسسە قاتلىغان.
كائىنات قائىدىسىدە:«ئادەم ھاياتىدا يۈزبەرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى تارتىپ ئەكېلىدۇ» دېيىلىدۇ. ئېغىزىڭىزدىن چىققان سۆزلىرىڭىز چوڭ مېڭە ۋە بەدىنىڭىزگە بۇيرۇق بەرگەچكە، تەبىئىيلا شۇ يۆنىلىش تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىسىز، شۇڭا كونىلار «ئېغىزدىن سائەت چىقىدۇ» دەپ بىكارغا ئېيتمىغان.
بۇ يىل داڭلىق ئارتىس شىن جىلېي (辛芷蕾) «قۇياش كۆتۈرۈلگەندە» (日掛中天) دېگەن كىنوسى بىلەن ۋېنىتسىيە كىنو بايرىمىدا «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال باش پېرسوناژ» مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، خەلقئارا كىنوچىلىق ساھەسىدە بىر كىشىلىك ئورنىنى تىكلىدى. ئۇ 2018-يىلى ۋېيبوسىدا:«ياخشىمۇسىلەر، مەن خەلقئارالىق كاتتا چولپان شىن جىلېي» دەپ چىقارغاندا، نۇرغۇن كىشى ئۇنى «ئۆزىنى چاغلىماي شىلتىڭ ئېتىپتۇ» دەپ زاڭلىق قىلىشقان. ئەينى چاغدا، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ خەلقئارا سەھنىلەرگە چىقىپ باقمىغان كىچىك ئارتىس ئىدى. ئەمما، ئۆزىنىڭ ئاشۇ بىر ئېغىز سۆزى بىلەن كىنوچىلىق ساھەسىدە تىرىشىپ-تىرمىشىپ، يەتتە يىلدىن كېيىن ئىسمى-جىسمىغا لايىق «خەلقئارا كىنو چولپىنى» بولدى، مۇشۇ «ئېغىزىدىن سائەت چىقتى» بولماي نېمە.
خۇددى ئاۋىستىرالىيەلىك ئايال يازغۇچى روندا بايرىن ئېيتقاندەك:«ئادەم تىل ۋە تەسەۋۋۇر كۈچىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلانغاندا، خۇددى دەرىجىدىن تاشقىرى ئىقتىدارغا ئىگە بولغانغا ئوخشاش، ئۆزى ئىنتىزار بولغان كىشىلىك ھاياتنى تامامەن تارتىپ ئەكېلەلەيدۇ».
ئوخشاش بولمىغان تىل ۋە روھىي ھالەت بىلەن ئوخشاش مەسىلىگە يۈزلەنگەندە، نەتىجىدە ئاسمان-زېمىن پەرقلىنىدۇ. «جان تىكىپ نېمىمۇ قىلارمەن، ئۆزۈمنى قىيناپ» دەپ تۇرۋالسىڭىز، ھازىرقى ھالەتكە قانائەت قىلىپ ئۆتۈپ كېتىسىز؛ «قىيىنچىلىق مېنى ھەرگىز يىقىتالمايدۇ» دەپ ئۆز-ئۆزىڭىزگە ئەسكەرتىپ تۇرسىڭىز، يولۇققان بارلىق قىيىن مەسىلىلەرنى چوقۇم ھەل قىلالايسىز.
ئاكتىپ سۆز-ئىبارىلەر بىلەن ئۆزىڭىزگە ئېنېرگىيە بەرسىڭىز، تۇرمۇشتا قايتىدىن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ، ئىشلار ياخشى تەرەپكە قاراپ ماڭىدۇ.
03
تۇرمۇشىڭىزنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن گەپ-سۆزلىرىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ
لى كەيفۇ (李开复) مىكروسوفت شىركىتىگە يېڭى كىرگەندە، گەپنى خاتا قىلىپ قويۇپ، رەھبەرلەرگە يامان تەسىر بېرىپ قويۇشتىن بەكلا ئەنسىرەيدىكەن. تۇنجى قېتىم باش لىدىر بىل گايتىسقا خىزمەتلەرنى دوكلات قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇ تەشۋىشلەنگەنلىكىدىن كېچىچە ياخشى ئۇخلىيالمىغان، كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزىگە «مەن ھەقىقەتەن قالتىس»، «مەن چوقۇم قىلالايمەن» دەپ توختىماي مەدەت بەرگەن. ئىجابىي پىسخىكىلىق بېشارەت ئۇنىڭغا ئىشەنچ ئاتا قىلغاچقا، سۆز قىلىدىغان كۈنى ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىدەك ئۇنچىۋالا جىددىيلىشىپ كەتمىگەنلىكىنى بايقاپ، ئۆز قارىشىنى راۋان ئىپادىلەپ، بىل گايتىسنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ماختىشىغا ئېرىشكەن.
تىل ئاجايىپ سېھرىي كۈچكە ئىگە، تىل ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلىش ھالىتىگە كەلگىنىمىزدە، بەدىنىمىزدىكى ھەر بىر ھۈجەيرە ئېنېرگىيەگە ئېرىشىدۇ. جەڭگىۋارلىق ئاشسا، ئادەمنىڭ روھىي كۆتۈرۈلۈپ، ئىشلىرى ئىلگىرى باسىدۇ. ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتسىڭىز، ئۆزىڭىزمۇ ئويلاپ باقمىغان ئۈنۈمگە ئېرىشەلىشىڭىز مۇمكىن.
خىزمەت جەريانىدا، ئۆزىڭىزگە ئۈزلۈكسىز مەدەت بېرىپ، «بۇ ئىش بەك ئاۋارىچىلىق» دېگەن سۆزنى «بۇ مېنىڭ مەسۇلىيىتىم، چوقۇم ھەل قىلىمەن» دېگەنگە ئۆزگەرتىپ باقسىڭىز، چوقۇم توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان جاسارەتكە ئېرىشىسىز؛ يېڭى ماھارەتنى ئۆگەنگەندە، «بۇ بەك تەس ئىكەن» دېگەندىن كۆرە، «چاتاق يوق، مەن چوقۇم ئۆگىنەلەيمەن» دېسىڭىز، چەكسىز يوشۇرۇن ئىقتىدار ۋە ئەقىل پاراسىتىڭىزنى قوزغىتالايسىز.
ئائىلىڭىزدىكلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا، كۆپرەك چۈشىنىڭ ۋە غەمخورلۇق قىلىڭ؛ كايىيدىغان سۆزلەرنىڭ ئورنىغا «جاپا تارتىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىمەن، ھېلىمۇ ياخشى سىز بار ئىكەنسىز» دېگەندەك يېقىملىق سۆزلەرنى دەپ، ئائىلىڭىزنى ھەر ۋاقىت ئىللىقلىققا چۆمۈلدۈرۈڭ.
بالا تەربىيەلىگەندە، كۆپرەك مۇئەييەنلەشتۈرۈڭ ۋە رىغبەتلەندۈرۈڭ. «مۇشۇنىمۇ بىلەلمىدىڭمۇ؟» دېمەي، «شۇنداق ياخشى قىپسەن، سېنىڭ تېخىمۇ ياخشى قىلالايدىغىنىڭغا ئىشىنىمەن بالام» دەپ چىرايلىق گەپلەرنى قىلسىڭىز، بالىڭىز ئىشەنچكە تولۇپ، ئۆزىگە تېخىمۇ تەلەپچان بولىدۇ.
«كىچىك شاھزادە» دە مۇنداق بىر گەپ بار:
«دۇنيادىكى ئەڭ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە قورال تىل. بىر ئېغىز گەپ بىر ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ قويالايدۇ، شۇنداقلا بىر ئادەمنىڭ كۈچىنى قايتا ئۇرغۇتالايدۇ».
كاللىڭىزدا بىر خىل ئوي ياكى بىر سۆز پەيدا بولغاندا، ئۇ قەلبىڭىزگە ئۇرۇقتەك چېچىلىپ كۈندىن-كۈنگە يىلتىز تارتىدۇ، بىخ سۈرىدۇ، ئاندىن سىزگە بېقىپ گۈل ياكى ئازغانغا ئايلىنىدۇ.
ئۆزىنى كۆپرەك مۇئەييەنلەشتۈرۈڭ ۋە مۇكاپاتلاڭ، ئۆزىڭىزگە ئاكتىپ بېشارەت بېرىڭ، گۈزەل خىياللارنى كاللىڭىزغا سىڭدۈرۈپ، ئۇنى ئۆزىڭىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇڭ.
باشقىلارغا نىسبەتەن، كۆپرەك ئۇلارنىڭ نۇقتىسىدا تۇرۇپ، كەيپىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈڭ، بۇنداق قىلسىڭىز قارىماققا باشقىلار مەنپەئەتلىنىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ، لېكىن بۇ جەرياندا ئۆزىڭىزمۇ ئاكتىپ ئېنېرگىيەگە ئېرىشىسىز.
ئېنىق، ئاكتىپ سۆزلەرنى ئىشلىتىشكە ئادەتلەنسىڭىز، بارغانسېرى ئاقىلانە، ئۈمىدۋار بولىسىز.
خاتىمە
پىسخولوگCarl Jung:«شەخسنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدە ئاكتىپ ئېنېرگىيە پەيدا بولغاندا، تەقدىرىمۇ ئۆزگىرىدۇ» دەيدۇ.
داۋاملىق ئاكتىپ سۆزلەرنى قىلساق، ئاشۇ سۆزلىرىمىز چوقۇم تەدرىجىي رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.
ھەممىزنىڭ ئاغزىدىن ياخشى سائەت چىقىشىغا تىلەكداشمەن!
-
بىر پىرسەنت تىرىشچانلىقنىڭ كۈچى
ئەنگلىيە ۋېلىسىپىت كوماندىسىنىڭ ترېنېرى دېف برېسفورد، توپ كوماندىسىنىڭ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ھەر كۈنلۈك يېمەك-ئىچمەك، مەشىق، ئۇخلاش قاتارلىق ھالقىلارنى ياخشىلىشى ئۈچۈن بىر جەدۋەل ئېسىپ قويغان.
نۇرغۇن كىشى بۇنى ئاڭلاپ، بۇنىڭ قانچىلىك رولى بولاتتى، دېگەن. بىراق، ئۇ:«سىز ۋېلىسىپىت مىنىشكە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىشلارنى ئۇششاق-ئۇششاق پارچىلاپ، ئاندىن ھەربىر ئىنچىكە تۈرنى پەقەت %1 ئۆزگەرتسىڭىز، ئۇنداقتا ۋېلسىپىت مىنىش ماھارىتىڭىز كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ» دېگەن.
دەرۋەقە، بۇ كوماندا فىرانسىيەنى ۋېلسىپىت بىلەن ئايلىنىش مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىدىكى تۆت ئورۇننى ئىگىلەپ، ئەنگلىيىنىڭ بۇ مۇسابىقىدە 116 يىل چېمپىيون بولالماسلىقىدەك تارىخىغا خاتىمە بەرگەن.
سوقرات:«ئەقىل ـ پاراسەت دېگىنىمىز، <پىشاڭ بىلەن بىر كۈچەپلا يەر شارىنى كۆتۈرۈۋېتىش> ئەمەس، بەلكى ھەر كۈنى <ئاز-ئازدىن كۈچەش>» دېگەنىكەن. شۇڭا 1%نىڭ كۈچىگە مەڭگۈ سەل قارىماڭ.
01
1% توغرا قىلىش
ئىككى كۈن ئىلگىرى «خىزمەتسىز قالغان بىر يىل» (没有工作的一年) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى قايتا كۆرۈپ قالدىم، تيىاتىردىكى خې يۈ (何雨)نىڭ ئۆزگىرىشى مېنى ناھايىتى ھاياجانلاندۇردى.
خې يۈ داشۆنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بىر بانكىغا كىرىپ خىزمەت قىلىدۇ. ئون يىل مايەبنىدە، ئۇ قېتىرقىنىپ ئىشلەپ، ھەممىدىن بالدۇر كېلىپ، ھەممىدىن كېيىن ماڭىدۇ، ۋەزىپە ھەرقانچە ئېغىر بولسىمۇ، بىر ئېغىزمۇ ئاغرىنمايدۇ. لېكىن شىركەت يەنىلا باشقۇرغۇچى (主管) بولۇش پۇرسىتىنى ئۇنىڭغا بەرمەي، باشقا بىرىگە بېرىدۇ. يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باشقۇرغۇچى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپلا تۈزۈمنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مۇكاپاتىنى يوققا چىقىرىدۇ.
خې يۈ بۇ بىر قاتار زەربىلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ نېمىشقا بۇنداق تەقدىرگە دۇچار بولىدىغانلىقى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىدۇ. ئۇ ئۆزىچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىسەم كۆزگە كۆرۈنىمەن، دەپ ئويلىغان، ئەمما يۆنىلىشنى توغرا تاللاشنىڭ تىرىشىپ خىزمەت قىلىشتىنمۇ بەكرەك مۇھىم ئىكەنلىكىگە سەل قارىغان ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىستېپا بېرىپ، بانكىدىن چىقىپ كېتىدۇ. قايتا-قايتا ئويلانغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىگە تېخىمۇ ماس كېلىدىغان سۇغۇرتا كەسپىنى تاللايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ پۇل مۇئامىلە شىركىتىدە خېرىدارلار ئالدىدا توپلىغان تەجرىبىسىدىن پايدىلىنىپ، ناھايىتى تېزلا ئوخشاش بولمىغان كەسىپتىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلىك مۇناسىۋەت بايلىقىغا ئىگە بولىدۇ. بۇ يەردە ئۇنىڭ ئاكتىپچانلىقى كۆزگە كۆرۈنۈپ، رەھبەرلەرنىڭ چوڭقۇر ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، ناھايىتى تېزلا ئەمىلى ئۆسىدۇ.
دۇنيا بەزىدە ھەقىقەتەن ئادىل ئەمەس، بەزى ئىشلارنى تىرىشقانغىلا قىلغىلى بولمايدۇ، ئادەم چوقۇم ئوبيېكتىپ ھالدا ئۆزىنى ئېنىق تونۇپ، ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۇسۇلنى تاپقاندىن كېيىن، ئاندىن تىرىشىشى كېرەك.
ئەگەر ئادەمنىڭ تىرىشىش نىشانى خاتا بولسا، قەدىمىنى توختىتىپ ئۆزى ئۈستىدە ئويلانغان تېخىمۇ ئەۋزەل.
بەزىدە، ئادەم ھەقىقەتەنمۇ «قىلدىن كەتسە، قىرىقتىن كېتىدۇ». ئەمما يۆنىلىشنى توغرا تېپىپ، ئىشنىڭ %1ىنى بولسىمۇ توغرا ئىشلىسەك، ئەڭ ئاخىرىدا ئاشۇ %1 سانىلىدىغان مۇۋەپپەقىيەتچىلەردىن بولالايمىز.
02
1% كۆپ قىلىش
ئامېرىكىدىكى بىر ھەرىكەت ئىقتىسادشۇناسى مۇنداق بىر تەجرىبە ئىشلىگەن:
ئۇ بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزىدىكى ئەزالارنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، A گۇرۇپپىدىكىلەرگە ھەر ئايدا بەش كىلوگرام ئورۇقلاشنى، B گۇرۇپپىدىكىلەرگە ھەر كۈنى ئالدىنقى كۈنىدىكىدىن %1 ئارتۇق كالورىيەنى ئارتۇق خورىتىشنى تەلەپ قىلغان.
ئۈچ ئايدىن كېيىن، B گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ تاماملاش نىسبىتى A گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ 3.2 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن.
خۇددى «مىكرو ئادەت» (微习惯) ناملىق كىتابتا ئېچىپ بېرىلگەن ھەقىقەتكە ئوخشاش: ئۆزگىرىش ھەرگىزمۇ 100 مېتىرغا يۈگۈرگەنگە ئوخشاش تېز سۈرئەتتە ئەمەس، بەلكى مارافونچە يۈگۈرۈشكە ئوخشاش ئاستا بولسىمۇ ئۇزۇن داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.
ئاجىزلار بىلەن كۈچلۈكلەرنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى كىمنىڭ %1 ئارتۇق ئىشلىيەلەيدىغانلىقىدا.
مۇنداق بىر ۋەقەلىكنى ئوقۇغۇنۇم ئېسىمدە:
بىر مۇئاۋىن باشلىق ئىككى پىراكتىكانت ئوقۇغۇچىنى ئىشخانىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا بىرىنچى قول باشلىقنى تېپىپ ھۆججەتكە ئىمزا قويغۇزۇشنى ئېيتىپتۇ. 15 مىنۇتتىن كېيىن، پىراكتىكانت A قايتىپ كەپتۇ، ھەمدە مۇئاۋىن باشلىققا:«برىىنچى قول باشلىق ئىشخانىدا يوقكەن» دەپتۇ؛ پىراكتىكانت B ئالاھەزەل يېرىم سائەتلەردىن كېيىن قايتىپ كەپتۇ، ئۇ:«بىرىنچى قول باشلىق ئىشخانىدا يوق ئىكەن، مەن ئۇنىڭ كاتىپىغا دەپ قويدۇم، يەنە تېلېفون نومۇرىنى تېپىپ، قىسقا ئۇچۇر قىلىپ يەتكۈزدۈم، قايتىپ كەلگەندىن كېيىنلا ئىمزا قويۇپ بېرىدىغان بولدى» دەپتۇ.
نەتىجىسىنى مېنىڭچە ھەممىمىز پەرەز قىلالايمىز: پىراكتىكانت B مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا رەسمىيلىشىپتۇ.
سىز ئىش ئورنىڭىزدا ئۆزىڭىزنى باشقىلاردىن ئارتۇق ئىشلەۋاتقاندەك، زىيان تارتىۋاتقاندەك ھېس قىلامسىز؟ ئەمما ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئىشنى %1 ئارتۇق قىلىش، سىزنى باشقىلاردىن پەرقلىق قىلىدۇ.
ئىنامورى كازوئو (Kazuo Inamori 稻盛和夫):«خىزمىتىمنىڭ %99ى تاماملىنىپ بولدى، دەپ بوشىشىپ قېلىشقا بولمايدۇ، مۇۋەپپەقىيەت ياكى مەغلۇبىيەتنى ھەمىشە ئەڭ ئاخىرقى %1لىك ئىش بەلگىلەيدۇ» دەيدۇ.
كىشىلىك ھايات يولىدا سىز ئىشنى باشقىلاردىن %1 ئارتۇق قىلغىنىڭىز ئۈچۈن زىيان تارتمايسىز، ئەكسىچە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتلەرگە ئېرىشەلەيسىز.
چامى يېتىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلغاندا، ياخشى پۇرسەت كېلىدۇ. كونىلارنىڭ «بىكار ئولتۇرغۇچە بىكارغا ئىشلە» دېگەن گېپى بىكارغا ئېيتىلمىغان. پەقەت ھەر كۈنى ئىشنى %1 ئارتۇق قىلىپ قويسىڭىز، ئەتراپىڭىزدىكىلەردىن پەرقلىق ھالدا ئالغا بېسىپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىسىگە چىقالايسىز.
03
1% ياخشى قىلىش
تاراتقۇ خادىمى جوۋزولو (粥左罗) ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنى ھەمبەھىرلىگەن.
ئۇ يېڭى خىزمەت قىلغاندا، خىزمەتنىڭ ھەر بىر ھالقىسىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىشلەيدىكەن، ھەر قېتىم ماقالە يازغاندا، ئەڭ ياخشى قىلىشقا تىرىشىدىكەن. بىر پارچە ماقالىنى ياخشى يېزىش ئۈچۈن، ئۇ نەچچە ئون پارچە ماقالىنى ۋاراقلاپ ماتېرىيال ئىزدەيدىكەن، زىيادە ئەستايىدىللىقىدىن، ماۋزۇسىنى نەچچە ئون قېتىم ھەتتا نەچچە يۈز قېتىم ئۆزگەرتىدىكەن. مۇقاۋا رەسىمى تاللاش ئۈچۈن، ئۆزى رازى بولغانغا قەدەر بىرەر سائەتلەپ ۋاقىت سەرپ قىلىدىكەن. ئۇ مۇشۇنداق قىلسا، چوقۇم باشقىلاردىن پەرقلىق ھالدا خىزمەتنى ياخشى ئورۇندايدىغىنىنى بىلىدىكەن.
شۇڭا ئۇ كېيىن ئەڭ كۆپ پۇل تاپالايدىغان ئادەمگە ئايلىنىپ، مائاشى بىراقلا نەچچە ھەسسە قاتلانغانىكەن.
نۇرغۇن كىشى سۈن ۋۇكۇڭدەك بىر سەكرەپلا 18 مىڭ چاقىرىم نېرىغا بېرىشنى ئىستەيدۇ-يۇ، ئىشنى قولىنىڭ ئۇچىدىلا قىلىدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، بىر ئىشنى %1 ياخشى قىلىش تۈمەن ئىشنى ئادەتتىكىچە قىلىشتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
رېژىسسور چېن شياۋچىڭ (陈晓卿) «جۇڭگونىڭ ئېسىل تائاملىرى» (舌尖上的中国) ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى سۈرەتكە ئالغاندىن كېيىن، بۇ ساھەدىكى ئەڭ داڭلىق نازۇ-نېمەت ھۆججەتلىك فىلىم رېژىسسورى بولۇپ قالدى.
ئۇ ئۆزىنىڭ ئەستايىدىل ئىش قىلىش پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلغاچقا، مۇشۇنداق شانلىق نەتىجىگە ئېرىشكەن. ئۇ بۇ فىلىمنىڭ ھەر بىر قىسىمىنى ئىشلەشكە يېرىم يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ماتېرىيال ئىزدەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يېتەرلىك تەييارلىق قىلغان، بېيجىڭنىڭ ئېسىل تائاملىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئالتە ئايلانما ئىچىدىكى ھەر بىر كوچىنى دېگۈدەك قاڭداپ، تاماقلىرىنى تېتىپ باققان. ئۇنىڭ يانفونىدا تامىقى ئىنتايىن ئوخشايدىغان 5600 ئاشخانىنىڭ ئادرېسى ساقلاقلىق.
فىلىمنى سۈرەتكە ئالغاندا، ئۇ تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا تىرىشقان. كاۋاۋىچىننىڭ پوستى يېرىلغان كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئەترىتى توپتوغرا تۆت جايغا بېرىپ سۈرەتكە ئالغان. ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئەستايىدىللىقى سەۋەبلىك، پىروگرامما تاماشىبىنلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تائام پروگراممىسىغا ئايلانغان.
لو جېنيۈ (罗振宇): كۈن ئۆتكۈزۈش پايدىسى (苟且红利) دېگەن بىر گەپنى قىلغان، بۇ باشقۇرۇش ئىلمىدىكى سۆز بولۇپ، گەرچە ھەممەيلەن تىرىشىپ ئىشلەۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىچىدە ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈدىغانلارمۇ نۇرغۇن، دېگەن مەنىدە.
پەقەت ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىپ، ئۆزىگە قاتتىق ئۆلچەم بىلەن تەلەپ قويۇپ، ھەر قانداق ئىشتا 100 نومۇر ئېلىشقا تىرىشىدۇ، بۇلار چوقۇم ئۇتۇق قازىنىدۇ.
بۇ دۇنيادىكى بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھەممىسى جان تىكىپ ئېلىشىش بەدىلىگە كېلىدۇ. سىز ھەر بىر كىچىك ئىشنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈپ ياخشى قىلغىنىڭىزدا، ئارزۇيىڭىزدىكى ھاياتقا چەكسىز يېقىنلاشقان بولىسىز.
خاتىمە
«قاراڭغۇ ۋاقىت» (暗时间) ناملىق كىتابتا، ئادەمنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدىكى ۋاقتى ئاكتىپ ۋاقىت ۋە پاسسىپ ۋاقىتتىن تەركىب تاپىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
پاسسىپ ۋاقىت سىز چوقۇم سەرپ قىلىدىغان ۋاقىت، مەسىلەن، ئىشقا بېرىش، مەكتەپكە بېرىش، ئۇخلاش، ئارام ئېلىش قاتارلىقلارنى كۆرستىدۇ. ئېشىپ قالغان، سىز پۈتۈنلەي كونترول قىلالايدىغان ۋاقىتتا، تىرىشىپ ئۆزىڭىزنى يۈكسەلدۈرۈشنى ياكى ئىچ پۇشۇقىڭىزنى چىقىرىشنى تاللىشىڭىز باشقىلار بىلەن ئوتتۇرىڭىزدىكى پەرقنى چوڭايتىدىغان تۈپكى ئامىل.
بۇ دۇنيادا ھېچكىم بىكاردىن بىكارغا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ قالغان ئەمەس. ۋاقىتىڭىزنى قەيەرگە سەرپ قىلسىڭىز، ھاياتلىق گۈللىرىڭىز شۇ يەردە ئېچىلىدۇ. سىز پەقەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى ياخشى قىلسىڭىزلا، ئارزۇيىڭىزدەك تۇرمۇشقا چوقۇم ئېرىشمەي قالمايسىز.