ئەنگلىيە ۋېلىسىپىت كوماندىسىنىڭ ترېنېرى دېف برېسفورد، توپ كوماندىسىنىڭ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ھەر كۈنلۈك يېمەك-ئىچمەك، مەشىق، ئۇخلاش قاتارلىق ھالقىلارنى ياخشىلىشى ئۈچۈن بىر جەدۋەل ئېسىپ قويغان.
نۇرغۇن كىشى بۇنى ئاڭلاپ، بۇنىڭ قانچىلىك رولى بولاتتى، دېگەن. بىراق، ئۇ:«سىز ۋېلىسىپىت مىنىشكە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىشلارنى ئۇششاق-ئۇششاق پارچىلاپ، ئاندىن ھەربىر ئىنچىكە تۈرنى پەقەت %1 ئۆزگەرتسىڭىز، ئۇنداقتا ۋېلسىپىت مىنىش ماھارىتىڭىز كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ» دېگەن.
دەرۋەقە، بۇ كوماندا فىرانسىيەنى ۋېلسىپىت بىلەن ئايلىنىش مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىدىكى تۆت ئورۇننى ئىگىلەپ، ئەنگلىيىنىڭ بۇ مۇسابىقىدە 116 يىل چېمپىيون بولالماسلىقىدەك تارىخىغا خاتىمە بەرگەن.
سوقرات:«ئەقىل ـ پاراسەت دېگىنىمىز، <پىشاڭ بىلەن بىر كۈچەپلا يەر شارىنى كۆتۈرۈۋېتىش> ئەمەس، بەلكى ھەر كۈنى <ئاز-ئازدىن كۈچەش>» دېگەنىكەن. شۇڭا 1%نىڭ كۈچىگە مەڭگۈ سەل قارىماڭ.
01
1% توغرا قىلىش
ئىككى كۈن ئىلگىرى «خىزمەتسىز قالغان بىر يىل» (没有工作的一年) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى قايتا كۆرۈپ قالدىم، تيىاتىردىكى خې يۈ (何雨)نىڭ ئۆزگىرىشى مېنى ناھايىتى ھاياجانلاندۇردى.
خې يۈ داشۆنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بىر بانكىغا كىرىپ خىزمەت قىلىدۇ. ئون يىل مايەبنىدە، ئۇ قېتىرقىنىپ ئىشلەپ، ھەممىدىن بالدۇر كېلىپ، ھەممىدىن كېيىن ماڭىدۇ، ۋەزىپە ھەرقانچە ئېغىر بولسىمۇ، بىر ئېغىزمۇ ئاغرىنمايدۇ. لېكىن شىركەت يەنىلا باشقۇرغۇچى (主管) بولۇش پۇرسىتىنى ئۇنىڭغا بەرمەي، باشقا بىرىگە بېرىدۇ. يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باشقۇرغۇچى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپلا تۈزۈمنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مۇكاپاتىنى يوققا چىقىرىدۇ.
خې يۈ بۇ بىر قاتار زەربىلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ نېمىشقا بۇنداق تەقدىرگە دۇچار بولىدىغانلىقى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىدۇ. ئۇ ئۆزىچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىسەم كۆزگە كۆرۈنىمەن، دەپ ئويلىغان، ئەمما يۆنىلىشنى توغرا تاللاشنىڭ تىرىشىپ خىزمەت قىلىشتىنمۇ بەكرەك مۇھىم ئىكەنلىكىگە سەل قارىغان ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىستېپا بېرىپ، بانكىدىن چىقىپ كېتىدۇ. قايتا-قايتا ئويلانغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىگە تېخىمۇ ماس كېلىدىغان سۇغۇرتا كەسپىنى تاللايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ پۇل مۇئامىلە شىركىتىدە خېرىدارلار ئالدىدا توپلىغان تەجرىبىسىدىن پايدىلىنىپ، ناھايىتى تېزلا ئوخشاش بولمىغان كەسىپتىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلىك مۇناسىۋەت بايلىقىغا ئىگە بولىدۇ. بۇ يەردە ئۇنىڭ ئاكتىپچانلىقى كۆزگە كۆرۈنۈپ، رەھبەرلەرنىڭ چوڭقۇر ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، ناھايىتى تېزلا ئەمىلى ئۆسىدۇ.
دۇنيا بەزىدە ھەقىقەتەن ئادىل ئەمەس، بەزى ئىشلارنى تىرىشقانغىلا قىلغىلى بولمايدۇ، ئادەم چوقۇم ئوبيېكتىپ ھالدا ئۆزىنى ئېنىق تونۇپ، ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۇسۇلنى تاپقاندىن كېيىن، ئاندىن تىرىشىشى كېرەك.
ئەگەر ئادەمنىڭ تىرىشىش نىشانى خاتا بولسا، قەدىمىنى توختىتىپ ئۆزى ئۈستىدە ئويلانغان تېخىمۇ ئەۋزەل.
بەزىدە، ئادەم ھەقىقەتەنمۇ «قىلدىن كەتسە، قىرىقتىن كېتىدۇ». ئەمما يۆنىلىشنى توغرا تېپىپ، ئىشنىڭ %1ىنى بولسىمۇ توغرا ئىشلىسەك، ئەڭ ئاخىرىدا ئاشۇ %1 سانىلىدىغان مۇۋەپپەقىيەتچىلەردىن بولالايمىز.
02
1% كۆپ قىلىش
ئامېرىكىدىكى بىر ھەرىكەت ئىقتىسادشۇناسى مۇنداق بىر تەجرىبە ئىشلىگەن:
ئۇ بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزىدىكى ئەزالارنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، A گۇرۇپپىدىكىلەرگە ھەر ئايدا بەش كىلوگرام ئورۇقلاشنى، B گۇرۇپپىدىكىلەرگە ھەر كۈنى ئالدىنقى كۈنىدىكىدىن %1 ئارتۇق كالورىيەنى ئارتۇق خورىتىشنى تەلەپ قىلغان.
ئۈچ ئايدىن كېيىن، B گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ تاماملاش نىسبىتى A گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ 3.2 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن.
خۇددى «مىكرو ئادەت» (微习惯) ناملىق كىتابتا ئېچىپ بېرىلگەن ھەقىقەتكە ئوخشاش: ئۆزگىرىش ھەرگىزمۇ 100 مېتىرغا يۈگۈرگەنگە ئوخشاش تېز سۈرئەتتە ئەمەس، بەلكى مارافونچە يۈگۈرۈشكە ئوخشاش ئاستا بولسىمۇ ئۇزۇن داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.
ئاجىزلار بىلەن كۈچلۈكلەرنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى كىمنىڭ %1 ئارتۇق ئىشلىيەلەيدىغانلىقىدا.
مۇنداق بىر ۋەقەلىكنى ئوقۇغۇنۇم ئېسىمدە:
بىر مۇئاۋىن باشلىق ئىككى پىراكتىكانت ئوقۇغۇچىنى ئىشخانىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا بىرىنچى قول باشلىقنى تېپىپ ھۆججەتكە ئىمزا قويغۇزۇشنى ئېيتىپتۇ. 15 مىنۇتتىن كېيىن، پىراكتىكانت A قايتىپ كەپتۇ، ھەمدە مۇئاۋىن باشلىققا:«برىىنچى قول باشلىق ئىشخانىدا يوقكەن» دەپتۇ؛ پىراكتىكانت B ئالاھەزەل يېرىم سائەتلەردىن كېيىن قايتىپ كەپتۇ، ئۇ:«بىرىنچى قول باشلىق ئىشخانىدا يوق ئىكەن، مەن ئۇنىڭ كاتىپىغا دەپ قويدۇم، يەنە تېلېفون نومۇرىنى تېپىپ، قىسقا ئۇچۇر قىلىپ يەتكۈزدۈم، قايتىپ كەلگەندىن كېيىنلا ئىمزا قويۇپ بېرىدىغان بولدى» دەپتۇ.
نەتىجىسىنى مېنىڭچە ھەممىمىز پەرەز قىلالايمىز: پىراكتىكانت B مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا رەسمىيلىشىپتۇ.
سىز ئىش ئورنىڭىزدا ئۆزىڭىزنى باشقىلاردىن ئارتۇق ئىشلەۋاتقاندەك، زىيان تارتىۋاتقاندەك ھېس قىلامسىز؟ ئەمما ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئىشنى %1 ئارتۇق قىلىش، سىزنى باشقىلاردىن پەرقلىق قىلىدۇ.
ئىنامورى كازوئو (Kazuo Inamori 稻盛和夫):«خىزمىتىمنىڭ %99ى تاماملىنىپ بولدى، دەپ بوشىشىپ قېلىشقا بولمايدۇ، مۇۋەپپەقىيەت ياكى مەغلۇبىيەتنى ھەمىشە ئەڭ ئاخىرقى %1لىك ئىش بەلگىلەيدۇ» دەيدۇ.
كىشىلىك ھايات يولىدا سىز ئىشنى باشقىلاردىن %1 ئارتۇق قىلغىنىڭىز ئۈچۈن زىيان تارتمايسىز، ئەكسىچە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتلەرگە ئېرىشەلەيسىز.
چامى يېتىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلغاندا، ياخشى پۇرسەت كېلىدۇ. كونىلارنىڭ «بىكار ئولتۇرغۇچە بىكارغا ئىشلە» دېگەن گېپى بىكارغا ئېيتىلمىغان. پەقەت ھەر كۈنى ئىشنى %1 ئارتۇق قىلىپ قويسىڭىز، ئەتراپىڭىزدىكىلەردىن پەرقلىق ھالدا ئالغا بېسىپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىسىگە چىقالايسىز.
03
1% ياخشى قىلىش
تاراتقۇ خادىمى جوۋزولو (粥左罗) ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنى ھەمبەھىرلىگەن.
ئۇ يېڭى خىزمەت قىلغاندا، خىزمەتنىڭ ھەر بىر ھالقىسىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىشلەيدىكەن، ھەر قېتىم ماقالە يازغاندا، ئەڭ ياخشى قىلىشقا تىرىشىدىكەن. بىر پارچە ماقالىنى ياخشى يېزىش ئۈچۈن، ئۇ نەچچە ئون پارچە ماقالىنى ۋاراقلاپ ماتېرىيال ئىزدەيدىكەن، زىيادە ئەستايىدىللىقىدىن، ماۋزۇسىنى نەچچە ئون قېتىم ھەتتا نەچچە يۈز قېتىم ئۆزگەرتىدىكەن. مۇقاۋا رەسىمى تاللاش ئۈچۈن، ئۆزى رازى بولغانغا قەدەر بىرەر سائەتلەپ ۋاقىت سەرپ قىلىدىكەن. ئۇ مۇشۇنداق قىلسا، چوقۇم باشقىلاردىن پەرقلىق ھالدا خىزمەتنى ياخشى ئورۇندايدىغىنىنى بىلىدىكەن.
شۇڭا ئۇ كېيىن ئەڭ كۆپ پۇل تاپالايدىغان ئادەمگە ئايلىنىپ، مائاشى بىراقلا نەچچە ھەسسە قاتلانغانىكەن.
نۇرغۇن كىشى سۈن ۋۇكۇڭدەك بىر سەكرەپلا 18 مىڭ چاقىرىم نېرىغا بېرىشنى ئىستەيدۇ-يۇ، ئىشنى قولىنىڭ ئۇچىدىلا قىلىدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، بىر ئىشنى %1 ياخشى قىلىش تۈمەن ئىشنى ئادەتتىكىچە قىلىشتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
رېژىسسور چېن شياۋچىڭ (陈晓卿) «جۇڭگونىڭ ئېسىل تائاملىرى» (舌尖上的中国) ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى سۈرەتكە ئالغاندىن كېيىن، بۇ ساھەدىكى ئەڭ داڭلىق نازۇ-نېمەت ھۆججەتلىك فىلىم رېژىسسورى بولۇپ قالدى.
ئۇ ئۆزىنىڭ ئەستايىدىل ئىش قىلىش پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلغاچقا، مۇشۇنداق شانلىق نەتىجىگە ئېرىشكەن. ئۇ بۇ فىلىمنىڭ ھەر بىر قىسىمىنى ئىشلەشكە يېرىم يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ماتېرىيال ئىزدەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يېتەرلىك تەييارلىق قىلغان، بېيجىڭنىڭ ئېسىل تائاملىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئالتە ئايلانما ئىچىدىكى ھەر بىر كوچىنى دېگۈدەك قاڭداپ، تاماقلىرىنى تېتىپ باققان. ئۇنىڭ يانفونىدا تامىقى ئىنتايىن ئوخشايدىغان 5600 ئاشخانىنىڭ ئادرېسى ساقلاقلىق.
فىلىمنى سۈرەتكە ئالغاندا، ئۇ تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا تىرىشقان. كاۋاۋىچىننىڭ پوستى يېرىلغان كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئەترىتى توپتوغرا تۆت جايغا بېرىپ سۈرەتكە ئالغان. ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئەستايىدىللىقى سەۋەبلىك، پىروگرامما تاماشىبىنلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تائام پروگراممىسىغا ئايلانغان.
لو جېنيۈ (罗振宇): كۈن ئۆتكۈزۈش پايدىسى (苟且红利) دېگەن بىر گەپنى قىلغان، بۇ باشقۇرۇش ئىلمىدىكى سۆز بولۇپ، گەرچە ھەممەيلەن تىرىشىپ ئىشلەۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىچىدە ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈدىغانلارمۇ نۇرغۇن، دېگەن مەنىدە.
پەقەت ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىپ، ئۆزىگە قاتتىق ئۆلچەم بىلەن تەلەپ قويۇپ، ھەر قانداق ئىشتا 100 نومۇر ئېلىشقا تىرىشىدۇ، بۇلار چوقۇم ئۇتۇق قازىنىدۇ.
بۇ دۇنيادىكى بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھەممىسى جان تىكىپ ئېلىشىش بەدىلىگە كېلىدۇ. سىز ھەر بىر كىچىك ئىشنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈپ ياخشى قىلغىنىڭىزدا، ئارزۇيىڭىزدىكى ھاياتقا چەكسىز يېقىنلاشقان بولىسىز.
خاتىمە
«قاراڭغۇ ۋاقىت» (暗时间) ناملىق كىتابتا، ئادەمنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدىكى ۋاقتى ئاكتىپ ۋاقىت ۋە پاسسىپ ۋاقىتتىن تەركىب تاپىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
پاسسىپ ۋاقىت سىز چوقۇم سەرپ قىلىدىغان ۋاقىت، مەسىلەن، ئىشقا بېرىش، مەكتەپكە بېرىش، ئۇخلاش، ئارام ئېلىش قاتارلىقلارنى كۆرستىدۇ. ئېشىپ قالغان، سىز پۈتۈنلەي كونترول قىلالايدىغان ۋاقىتتا، تىرىشىپ ئۆزىڭىزنى يۈكسەلدۈرۈشنى ياكى ئىچ پۇشۇقىڭىزنى چىقىرىشنى تاللىشىڭىز باشقىلار بىلەن ئوتتۇرىڭىزدىكى پەرقنى چوڭايتىدىغان تۈپكى ئامىل.
بۇ دۇنيادا ھېچكىم بىكاردىن بىكارغا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ قالغان ئەمەس. ۋاقىتىڭىزنى قەيەرگە سەرپ قىلسىڭىز، ھاياتلىق گۈللىرىڭىز شۇ يەردە ئېچىلىدۇ. سىز پەقەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى ياخشى قىلسىڭىزلا، ئارزۇيىڭىزدەك تۇرمۇشقا چوقۇم ئېرىشمەي قالمايسىز.
发表回复